Wednesday, January 30, 2008



سوئال: ئەقىيدە كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟

ج:

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن.

ئەقىيدىلەر بولسا كىشى روھلىرى ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ، ھەمدە قەلبلەر ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپىدىغان ، ئىگىلىرى جەزىم قىلىدىغان ، ھېچقانداق شەك-شۈبھى ياكى دىلغۇللۇق ئارلىشالمايدىغان ئىشلاردۇر.

ئەرەب تىلىدىكى [ئەقىيدە] كەلىمىسى [عقد ئەقەدە] سۆز تومۇرىدىن ئىلىنغان بولۇپ ، مەنىسى : لازىم بولماق ،جەزىم قىلماق ، مۇقىملاشتۇرماق . قۇرئاندا كەلدىكى :

[ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻪﻫﯟﻩﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺳﯩﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(يەنى ،ئۆزۈڭلەرگە لازىم قىلغان ياكى ۋاجىپ قىلغان) ﻗﻪﺳﯩﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ،...] (مائىدە(داستىخان): 87)

ئەرەپچە كەلىمە[تعقيد الأيمان تەئېقىيدۇل ئەيمان (قەسەمنى چىڭ چەگمەك )] پەقەت قەلبنىڭ مەقسەت قىلىشى ۋە ئىرادە قىلىشى بىلەنلا بولىدۇ. عقد الحبل ئەقەدەل ھەبەل دىيىلسە ، ئۇنىڭ مەنىسى: ئارغامچىنى چەگدى، بولىدۇ.ھەمدە [الاعتقاد ئىېتىقاد] كەلىمىسىمۇ ئوخشاشلا ئەقەدە(چىگىش،باغلاش ،چىڭىتىش) سوز تومۇرىدىن ئىلىنغان . [اعتقدت كذا ئىېتىقەدتۇ كىزا(مەن مۇنداق ئىشەندىم ] دىيىلسە ئۇنىڭ مەنىسى : ئۇنى قەلبىمدە جەزىملەشتۈردۈم بولۇپ ، بۇ بولسا جەزىم قىلغۇچى ئەقىلنىڭ ھۆكمى بولىدۇ.

ئەمدى شەرىئەتتىكى ئەقىيدە بولسا : مۇسۇلمان ، قەلبىدە ئىككىلەنمەستىن ،شەكلەنمەستىن ئىشىنىشى ۋە قەتئىي جەزىم قىلىشىقا تىگىشلىك بىلىش ئىشلىرى بولۇپ ، ئاللاھ ئۇلارنى كىتابى ياكى پەيغەمبىرىگە(ئاللاھنىڭ تەرپلەشلىرى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق خەۋەر قىلغان.

ئاللاھ بىزنى ئىشىنىشكە بۇيرىغان ئەقىيدىلەرنىڭ ئاساسلىرى بولسا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدە تىلغا ئىلىنىدۇ:

[ ئاللاھ ئەلچىسى پەرۋەردىگارىدىن نازىل قىلىنغان نېمىگە(قۇرئانغا) ئىشەندى، مۇئىمىنلەرمۇ ھەم. ھەممەيلەن ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، كىتابلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەندى ،(ئۇلار): ئۇنىڭ ئەلچىلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئايرىۋەتمەيمىز . (دەيدۇ) .ھەمدە ئۇلار: بىز ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق . كەچۈرۈمىڭنى (تىلەيمىز)، پەرۋەردىگارىمىز ، (ھەممە) قايتىپ بارىدىغان جاي سىنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ.] (بەقەرە(ئىنەك): 285).

ۋە شۇنىڭدەك بۇلارغا پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مەشھۇر جەبرائىل ھەدىيسىدە مۇنداق دەپ ئىنىقلىما بەردى:

[ئىيمان(ئىشىنىش) : ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، كىتابىغا ، (ئاخىرەتتە)ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرۇشۇشقا ۋە ئەلچىلىرىگە ئىشىنىشىڭ ھەمدە كىيىنكى تېرىلىشكە ئىشىنىشىڭدۇر .]

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدىكى ئەقىيدە بولسا: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى خەۋەر بېرىشى ئارقىلىق بىلىنگەن ھەمدە مۇسۇلماننىڭ قەلبى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى خەۋەر بەرگەن ئىشلارغا چىڭ ئىشىنىشى ۋە جەزىم قىلىشى لازىم بولىدىغان مەسىلىلەردۇر .

مەنبە: ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ "ئىتىقاد چېقىنى"شەرھى ، ئۇمەر ئەشقەرنىڭ "ئاللاھ ھەققىدىكى ئەقىيدە"

http://islam-qa.com/index.php?ref=951&ln=ara


0 comments: