سوئال: ئەقىيدە كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟ج:
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن.
ئەقىيدىلەر بولسا روھ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ، ھەمدە قەلبلەر ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپىدىغان ، ئىگىلىرى جەزىم قىلىدىغان ، ھېچقانداق شەك-شۈبھى ياكى دىلغۇللۇق ئارلىشالمايدىغان ئىشلاردۇر.
ئەرەب تىلىدىكى [ئەقىيدە] كەلىمىسى [عقد ئەقەدە] سۆز تومۇرىدىن ئىلىنغان بولۇپ ، مەنىسى : لازىم بولماق ،جەزىم قىلماق ، مۇقىملاشتۇرماق . قۇرئاندا كەلدىكى :
[ ئاللاھ سىلەرنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتمايدۇ . لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان (يەنى ،ئۆزۈڭلەرگە لازىم قىلغان ياكى ۋاجىپ قىلغان) قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ ،...] (مائىدە(داستىخان): 87)
ئەرەپچە كەلىمە[تعقيد الأيمان تەئېقىيدۇل ئەيمان (قەسەملەرنى چەگمەك )] پەقەت قەلبنىڭ مەقسەت قىلىشى ۋە ئىرادە قىلىشى بىلەنلا بولىدۇ. عقد الحبل ئەقەدەل ھەبەل دىيىلسە ، ئۇنىڭ مەنىسى: ئارغامچىنى چەگدى، بولىدۇ.ھەمدە [الاعتقاد ئىېتىقاد] كەلىمىسىمۇ ئوخشاشلا ئەقەدە(چىگىش،باغلاش ،چىڭىتىش) سوز تومۇرىدىن ئىلىنغان . [اعتقدت كذا ئىېتىقەدتۇ كىزا(مەن مۇنداق ئىشەندىم ] دىيىلسە ئۇنىڭ مەنىسى : ئۇنى قەلبىمدە جەزىملەشتۈردۈم بولۇپ ، بۇ بولسا جەزىم قىلغۇچى ئەقىلنىڭ ھۆكمى بولىدۇ.
ئەمدى شەرىئەتتىكى ئەقىيدە بولسا : بىر مۇسۇلمان قەلبىدە ئىككىلەنمەستىن ،شەكلەنمەستىن ئىشىنىشى ۋە قەتئىي جەزىم قىلىشى لازىم بولغان بىر قاتار بىلىشلار بولۇپ ، ئاللاھ ئۇلارنى كىتابى ياكى پەيغەمبىرىگە(ئاللاھنىڭ تەرپلەشلىرى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق خەۋەر قىلغان.
ئاللاھ بىزنى ئىشىنىشكە بۇيرىغان ئەقىيدىلەرنىڭ ئاساسلىرى بولسا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدە تىلغا ئىلىنىدۇ:
[ ئاللاھ ئەلچىسى پەرۋەردىگارىدىن نازىل قىلىنغان نېمىگە(قۇرئانغا) ئىشەندى، مۇئىمىنلەرمۇ ھەم. ھەممەيلەن ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، كىتابلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەندى ،(ئۇلار): ئۇنىڭ ئەلچىلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئايرىۋەتمەيمىز . (دەيدۇ) .ھەمدە ئۇلار: بىز ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق . كەچۈرۈمىڭنى (تىلەيمىز)، پەرۋەردىگارىمىز ، (ھەممە) قايتىپ بارىدىغان جاي سىنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ.] (بەقەرە(ئىنەك): 285).
ۋە شۇنىڭدەك بۇلارغا پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مەشھۇر جەبرائىل ھەدىيسىدە مۇنداق دەپ ئىنىقلىما بەردى:
[ئىيمان(ئىشىنىش) : ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، كىتابىغا ، (ئاخىرەتتە)ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرۇشۇشقا ۋە ئەلچىلىرىگە ئىشىنىشىڭ ھەمدە كىيىنكى تېرىلىشكە ئىشىنىشىڭدۇر .]
شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلماندىكى ئەقىيدە بولسا: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى خەۋەر بېرىشى ئارقىلىق بىلىنگەن ھەمدە ئۇنىڭ قەلبى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى خەۋەر بەرگەن ئىشلارغا چىڭ ئىشىنىشى ۋە جەزىم قىلىشى لازىم بولىدىغان مەسىلىلەردۇر .
مەنبە: ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ "ئىتىقاددىن بىر لوقما"شەرھى ، ئۇمەر ئەشقەرنىڭ "ئاللاھ ھەققىدىكى ئەقىيدە"

0 comments:
Post a Comment