Sunday, January 13, 2008

aqiyde

WritePrevNextInfo();

-->

سوئال: ئەقىيدە كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟
ج:
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن.
ئەقىيدىلەر بولسا روھ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ، ھەمدە قەلبلەر ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپىدىغان ، ئىگىلىرى جەزىم قىلىدىغان ، ھېچقانداق شەك-شۈبھى ياكى دىلغۇللۇق ئارلىشالمايدىغان ئىشلاردۇر.
ئەرەب تىلىدىكى [ئەقىيدە] كەلىمىسى [عقد ئەقەدە] سۆز تومۇرىدىن ئىلىنغان بولۇپ ، مەنىسى : لازىم بولماق ،جەزىم قىلماق ، مۇقىملاشتۇرماق . قۇرئاندا كەلدىكى :
[ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻪﻫﯟﻩﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺳﯩﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(يەنى ،ئۆزۈڭلەرگە لازىم قىلغان ياكى ۋاجىپ قىلغان) ﻗﻪﺳﯩﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ،...] (مائىدە(داستىخان): 87)
ئەرەپچە كەلىمە[تعقيد الأيمان تەئېقىيدۇل ئەيمان (قەسەمنى چىڭ چەگمەك )] پەقەت قەلبنىڭ مەقسەت قىلىشى ۋە ئىرادە قىلىشى بىلەنلا بولىدۇ. عقد الحبل ئەقەدەل ھەبەل دىيىلسە ، ئۇنىڭ مەنىسى: ئارغامچىنى چەگدى، بولىدۇ.ھەمدە [الاعتقاد ئىېتىقاد] كەلىمىسىمۇ ئوخشاشلا ئەقەدە(چىگىش،باغلاش ،چىڭىتىش) سوز تومۇرىدىن ئىلىنغان . [اعتقدت كذا ئىېتىقەدتۇ كىزا(مەن مۇنداق ئىشەندىم ] دىيىلسە ئۇنىڭ مەنىسى : ئۇنى قەلبىمدە جەزىملەشتۈردۈم بولۇپ ، بۇ بولسا جەزىم قىلغۇچى ئەقىلنىڭ ھۆكمى بولىدۇ.
ئەمدى شەرىئەتتىكى ئەقىيدە بولسا : *** ، قەلبىدە ئىككىلەنمەستىن ،شەكلەنمەستىن ئىشىنىشى ۋە قەتئىي جەزىم قىلىشىقا تىگىشلىك بىلىش ئىشلىرى بولۇپ ، ئاللاھ ئۇلارنى كىتابى ياكى پەيغەمبىرىگە(ئاللاھنىڭ تەرپلەشلىرى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق خەۋەر قىلغان.
ئاللاھ بىزنى ئىشىنىشكە بۇيرىغان ئەقىيدىلەرنىڭ ئاساسلىرى بولسا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدە تىلغا ئىلىنىدۇ:
[ ئاللاھ ئەلچىسى پەرۋەردىگارىدىن نازىل قىلىنغان نېمىگە(قۇرئانغا) ئىشەندى، مۇئىمىنلەرمۇ ھەم. ھەممەيلەن ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، كىتابلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەندى ،(ئۇلار): ئۇنىڭ ئەلچىلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ئايرىۋەتمەيمىز . (دەيدۇ) .ھەمدە ئۇلار: بىز ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق . كەچۈرۈمىڭنى (تىلەيمىز)، پەرۋەردىگارىمىز ، (ھەممە) قايتىپ بارىدىغان جاي سىنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ.] (بەقەرە(ئىنەك): 285).
ۋە شۇنىڭدەك بۇلارغا پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مەشھۇر جەبرائىل ھەدىيسىدە مۇنداق دەپ ئىنىقلىما بەردى:
[ئىيمان(ئىشىنىش) : ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، كىتابىغا ، (ئاخىرەتتە)ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرۇشۇشقا ۋە ئەلچىلىرىگە ئىشىنىشىڭ ھەمدە كىيىنكى تېرىلىشكە ئىشىنىشىڭدۇر .]
شۇنىڭ ئۈچۈن ***دىكى ئەقىيدە بولسا: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى خەۋەر بېرىشى ئارقىلىق بىلىنگەن ھەمدە ***نىڭ قەلبى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى خەۋەر بەرگەن ئىشلارغا چىڭ ئىشىنىشى ۋە جەزىم قىلىشى لازىم بولىدىغان مەسىلىلەردۇر .
مەنبە: ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ "ئىتىقاد چېقىنى"شەرھى ، ئۇمەر ئەشقەرنىڭ "ئاللاھ ھەققىدىكى ئەقىيدە"

سوئال : يېيىشكە بولمايدىغان دېڭىز ھايۋانلىرى بارمۇ ؟
جاۋاب:
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان نىئمەتلىرىدىن بىرى بولسا دىنىمىزنى ئاسان دىن قىلدى ، ئۇنى بىزگە تەس كېلىدىغان قىلمىدى ، كۈچ-قۇۋۋىتىمىز يەتمەيدىغان نېمىنى بىزگە يۈكلىمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇرۇنقى شەرىئەتلەردە چەكلەنگەن نېمىلەردىن نۇرغۇنىنى بىزگە دۇرۇس قىلىپ بەردى ، ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ،» .
ئۇ دېڭىز يېمەكلىكلىرىدىن مەيلى ھايۋان بولسۇن ، ئۆسۈملۈك بولسۇن ، تېرىك ياكى ئۆلۈك بولسۇن ، ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دېگەن : « ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯦﯖﯩﺰ ئوۋى ، ئۇنىڭدىن ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻫﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ،» ئىبنۇ ئەبباس مۇنداق دىگەن: " ئۇنىڭ ئوۋى بولسا ئۇنىڭدىن تېرىك ئىلىنغان نېمە ، ئۇنىڭدىكى يېمەكلىك بولسا ئۇنىڭدىن ئۆلۈك ھالەتتە ئېلىنغان نېمىدۇر . "
ھەمدە شۇنىڭدەك سۇ ھايۋانلىرىنىڭ بىر نەچچە تۈرىنى بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقى رۇخسەتتىن مۇستەسنا قىلدى ، ئۇلار :
1- تىمساھ ، توغرىسى ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇ گەرچە ئۇزۇن مۇددەت سۇدا تۇرسىمۇ ، قۇرۇقلۇقتا ياشاش بىلەن بىللە ئۇنىڭ مەگىنى بار ، شۇڭا ئۇنىڭ مەگەنلىك قۇرۇقلۇق ھايۋىنى بولۇشى ئۇنى چەكلىنىش تەرىپىدە قىلىدۇ .
2- پاقا ، ئۇنى پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۆلتۈرۈشتىن توسقانلىقى ئۈچۈن ، يېيىشكە بولمايدۇ ، ئابدۇررەھمان بىن ئۇسماننىڭ ھەدىيسىدە كەلدىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) پاقىنى ئۆلتۈرۈشتىن توسىدى . [ بۇنى ئىمام ئەھمەد ، ئىبنۇ ماجەھ نەقىل قىلغان بولۇپ ، سەھىيھ جامىئ ،6970-ھەدىيسكە قاراڭ .] ئاساسىي پرىنسىپ بولسا ھەرقانداق ئۆلتۈرۈشتىن توسۇلغان نېمىنى يېيىشكە بولمايدۇ ، ناۋادا يېيىش دۇرۇس بولسا ئىدى ،ئۆلتۈرۈشمۇ دۇرۇس بولاتتى .
3- بىر قىسىم ئالىملار دېڭىز يېلىنىنى بۇ دۇرۇسلۇقتىن چىقىرىۋەتتى ، توغرىسى شۇكى ،ئەگەر ئۇ پەقەت دېڭىزدىلا ياشايدىغان بولسا . . . ئاللاھنىڭ مۇنۇ : « ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯦﯖﯩﺰ ئوۋى ، ئۇنىڭدىن ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻫﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ،» سۆزىنىڭ ئومۇمى مەنىسىگە ئاساسەن ئۇنى يېيىشكە بولىدۇ .
4- سۇ ئىتى ۋە تاشپاقا ، توغرىسى شۇكى ،ئۇنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن يېيىشكە بولىدۇ ، چۈنكى ئۇ قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىزدا ياشايدۇ ، بۇ يەردە بىر پېرىنسىپ بار يەنى ، قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىزدا ياشايدىغان ھەرقانداق نېمىگە، ئېھتىياتەن قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى ھەققىدىكى ئەھكاملار ئىلىنىدۇ ، شۇڭا قىسقۇچپاقىدىن باشقىسى شەرئىي بوغۇزلىنىدۇ ، قىسقۇچپاقا گەرچە قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىزدا ياشىسىمۇ ئۇنى شەرئىي بوغۇزلاش بىھاجەت ، چۈنكى ئۇنىڭدا قان يوق .
5- گەرچە دېڭىز ھايۋىنى بولسىمۇ ، ھەر قانداق زېيىنى بار نېمىنى يېيىشكە بولمايدۇ ، ئاللاھ مۇنداق دېگەن : «. . . ﺳﯩﻠﻪﺭﺋﯚﺯۈﯕﻼﺭﻧﻰ (ھەم ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ) ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ.» « . ..ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار ...»
مۇغنىي[ المغني] 11/83 ، ھاشىيەتۇ رەۋز [حاشية الروض] 7/430 ، تەفسىير ئىبنۇ كەسىير 3/197 ، ئەللامە فوۋزاننىڭ[ تائاملار ئەھكاملىرى ]غا قارالسۇن.
ھەمدە ئاللاھ ئەڭ بىلىدۇ .

*** س-ج
پېشۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد

0 comments: